Paj-Puj: Usage of <span style="font-family:sans-serif;" >نى</span>: With Possessed Nouns

Usage of نى: With Possessed Nouns

نى» قوشۇمچىسىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىگىسى بار ئىسىم بىلەن»

Nouns with a possessive suffix attached take the accusative نى when acting as the direct object as they are made definite by the fact that they belong to a someone (i.e., "my book", "Parhat's bicycle", as opposed to "a book", "a bicycle"). Compare:

I read his book.
.مەن ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم

I read a book.
.مەن كىتاب ئوقۇدۇم

The following are further examples of this usage of نى.

No sooner did I see my son than I broke out crying.
.مەن ئوغلۇمنى كۆرۈپلا يىغلاپ كەتتىم

I finished absolutely all of the food that you prepared.
.مەن سىزنىڭ تەييارلىغان تامىقىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يەپلا بولدۇم

If you just listen to what the teacher says, you'll be able to become a good student.
.مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىسىڭىزلا، ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولالايسىز

Dolkun has been working very hard lately, and yet isn't able to see even the slightest result.
 
.دولقۇن يېقىندىن بېرى بەك تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن ھېچلا نەتىجىسىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ
.دولقۇن يېقىندىن بېرى بەك تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن ھېچقانداقلا نەتىجىسىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ

I could smell the food even before entering the house.
 
.ئۆيگە كىرمەيلا، تاماقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم
.ئۆيگە كىرمەستىنلا، تاماقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم

When I saw my mother after a year's time, I was so happy that I couldn't stop smiling.
.بىر يىلدىن كېيىن ئاپامنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمدىن ئاغزىم قۇلۇقۇمغا يەتتى

After I've greased his palms a little, he'll certainly change his tune.
.مەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ياغلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ گېپىنى چوقۇم ئۆزگەرتىدۇ

If you've got a secret, don't tell it to Tursun. He'll let the cat out of the bag to the first person that asks.
.سىرىڭىز بولسا تۇرسۇنغا دېمەڭ، ئۇنىڭ ئاغزىنى كىملا تاتىلىسا سىرىڭىزنى بىلىۋالىدۇ

You can hang your clothes outside. There's a line just next to the door, you know.
.كىيىمىڭىزنى تېشىغا يايسىڭىز بولىدۇ، ئىشىكنىڭ يېنىدىلا بىر سىم بارغۇ

Whenever I look at you, I'm reminded of your father.
.سېنى كۆرسەملا داداڭنى ئەسلەيمەن

The teacher ignored Dolkun's excuses and issued him a strict punishment.
.مۇئەللىم دولقۇننىڭ باھانىسىنى ئاڭلىماي ئۇنىڭغا قاتتىق جازا بەردى

After going through the formalities, the president presented his new plan to the people.
.زۇڭتۇڭ رەسمىيەتنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېڭى پىلانىنى خەلققە سۆزلەپ ئۆتتى

Because the voltage in my room was very high, the light bulb exploded like a bomb when I turned on the light.
.ياتىقىمدا توك بېسىمى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، مەن چىرىغىنى ياقسام، لامپۇچكا خۇددى بومبىدەك پارتلاپ كەتتى

After suppressing the people's freedom over the course of many long years, the emperor was finally overthrown.
.پادىشاھ ئۇزۇن يىللار بويىچە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ ئاخىرى ئاغدۇرۇلدى

We absolutely must catch him before he discloses our position to the enemy.
.ئۇ بىزنىڭ ئورنىمىزنى دۈشمەنگە پاش قىلغۇچە ئۇنى جەزمەن تۇتۇشىمىز كېرەك

They discussed my proposal and ended up rejecting it.
 
.ئۇلار مېنىڭ تەشەببۇسۇمنى مۇزاكىرە قىلىپ ئاخىرى رەت قىلىپتۇ
.ئۇلار مېنىڭ تەشەببۇسۇمنى مۇزاكىرە قىلىپ ئاخىرى ئۇنى رەت قىلىپتۇ

Even though I yelled out to her, she appears to not have heard my voice.
.مەن ئۇنى توۋلىساممۇ، ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلىماپتىكەن

The doctor hit my knee and asked if I felt anything.
.دوختۇر تىزىمنى بىر ئۇرۇپ سېزىمىڭىز بارمۇ دەپ سورىدى

After many long years of nurturing his strengths, he finally seems to have turned into a great man.
 
.ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلىپ ئاخىرى بىر ئۇلۇغ ئادەم بولغان ئوخشايدۇ
.ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئاخىرى بىر ئۇلۇغ ئادەم بولغان ئوخشايدۇ

Can you tell what properties this function has?
بۇ فۇنكسىيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىيالامسىلەر؟

After becoming famous, he dumped his old friends and started making friends with other famous people.
 
.ئۇنىڭ داڭقى چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كونا دوستلىرىنى تاشلىۋېتىپ، باشقا داڭقى بارلار بىلەن دوست بولۇشقا باشلىدى
.ئۇنىڭ داڭقى چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كونا دوستلىرىنى تاشلىۋېتىپ، باشقا داڭقى بار ئادەملەر بىلەن دوست بولۇشقا باشلىدى

The warrior, having wrapped up his wound with a long cloth, once more ran off towards the front lines.
.جەڭچى يارىسىنى بىر ئۇزۇن رەخت بىلەن تېڭىۋېلىپ يەنە ئالدىنقى سەپلەرگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى

I ask him to take a photo with me and he punches me in the stomach!
!مەن ئۇنىڭغا ئىككىمىز رەسىمگە چۈشەيلى دېسەم، ئۇ قورسىقىمنى بىر مۇشتلىدى

 
I stole your bag because I ran out of money.
 
.پۇلۇم تۈگەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سومكاڭنى ئوغرىلىدىم
.پۇلۇم تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سومكاڭنى ئوغرىلىدىم
.پۇلۇم تۈگەپ كەتكەنلىكىدىن سومكاڭنى ئوغرىلىدىم

Hey, I like Italian movies very much.
.مەن ئىتالىيەنىڭ كىنوسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن جۇمۇ

Try to understand - I really miss my parents.
.مەن ئاتا ـ ئانامنى سېغىنىپ كەتتىم جۇمۇ

Hurry up and clean your room before the guests come!
!مېھمان كەلگۈچە ئۆزۈڭنىڭ ياتىقىنى تېز رەتلەپ قوي

Young people need to look after their health as well.
 
.ياشلارمۇ سالامەتلىكىنى ئاسرىشى كېرەك
.ياش ئادەملەرمۇ سالامەتلىكىنى ئاسرىشى كېرەك

What's wrong with exchanging our opinions?
كۆزقاراشلىرىمىزنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنىڭ نەرى يامان؟

I like my friends.
.دوستلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن

He gave his seat to the old man.
.ئۇ بوۋايغا ئورنىنى بەردى

If you repeat his name for the third time, I'm leaving!
 
!ئەگەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۈچىنچى قېتىم تەكرارلىسىڭىز، مەن كېتىمەن
!ئەگەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۈچىنچى تەكرارلىسىڭىز، مەن كېتىمەن

 
How much are you selling a bag of apples for?
 
ئالمىنىڭ بىر قېپىنى قانچە پۇلغا بېرىسىز؟
ئالمىنىڭ قېپىنى قانچە پۇلغا بېرىسىز؟
ئالمىنىڭ قېپىنى نەچچە پۇلغا بېرىسىز؟


References

  1. Personal research/experience
  2. Hamit A. Zakir, "Introduction to Modern Uighur". Xinjiang University Press: Urumqi, 2007. (p. 41)
  3. Д. Ж. Касымова, "Уйгурский язык: Самоучитель". Ғылым: Алматы, 2005. (p. 78)